قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشى «سەركە» بولۇش، يۈگۈرۈپ «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش»

2018-09-21 18:25:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم
مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ

 ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك ئۇلاپ توشۇش مەركىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، قۇرۇقلۇق يولى، ھاۋا يولى، تۆمۈريول، پوچتا ئارقىلىق كەلگەن ماللار مۇشۇ يەردە چۈشۈرۈلىدۇ، ئالماشتۇرۇلىدۇ، توپلاپ قاچىلىنىدۇ، بۇ مەركەز ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يىغىش- تارقىتىش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. 

   سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، بۇ مەركەزدىكى ئىشچىلار كونتېينېر توشۇماقتا. 

(مۇخبىرىمىز ياڭ يۇڭ فوتوسى)

 
150 تۈرلۈك «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش» ئىش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇش رەسمىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭگو تېلېگرافى سانائەت ئالاقە تورى شىنجاڭ بازىسى ماكانلاشتى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان جېڭۋېي خەلقئارا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر رايونى تۈرى ماكانلاشتى... 

 2018- يىلى كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)[تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) دېيىلىدۇ]نىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلدى.  

  ياشاشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان مۇھىت جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى

  «ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كېلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە گۈللىنىش، ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە كۈچىيىش». دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچلۈك دولقۇنىدا ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتى جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب.  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 30 تۈرنى كىرگۈزدى، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليارد يۈەنگە يەتتى. يېقىندىلا ئاخىرلاشقان 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 41 تۈر ئىمزالىدى، توختام ئومۇمىي سوممىسى 75 مىليارد 783 مىليون يۈەن بولدى. 

 9- ئاينىڭ بېشىدا، گۇاڭدۇڭنىڭ شەنتۇ شەھىرىدىكى جىيۈنساڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ پېڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى گۇاڭجوۋ، چۇڭچىڭ، شىئەندىكى نۆۋەتچى پويىزلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىدى. جېڭ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ خاس رايون ئەۋزەللىكىگە قىزىقىپ قالدىم. كارخانىمىزنىڭ مال مەنبەسى بار، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يۈرۈشلەشكەن مەيدان- ۋوگزالى ۋە ئېتىبار سىياسىتى بار ئىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى قويۇق ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىغا ئىگە ئىكەن، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكىمىزدىن ئۆزئارا پايدىلانساق، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. 

 كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى قاقاسلىق ھازىر يۇقىرى پەن- تېخنىكا، چوڭ تۈرلەر، شۇنداقلا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بىر گەۋدە قىلىنغان ياشاشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان جايغا ئايلاندى، شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تيېجيەن ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جۇڭچې پاي چەكلىك شىركىتى، سەنيى ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شەرق شامىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بەس- بەستە ماكانلاشتى.  

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالدىن سىناق قىلىش، ئالدىن يولغا قويۇش بازىسى 

 ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايون (تۇدۇڭخابا رايونى)لۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لى خېزۇ مۇنداق دېدى: رايون مەمۇرىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئالتۇن مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالدىن سىناق قىلىش، ئالدىن يولغا قويۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى. 

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئۆزى بىلەن قوشنا بولغان تۇدۇڭخابا رايونى بىلەن بىرلىشىش، رايون مەمۇرىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان يەتتە يىلدىن بۇيان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىشتەك تەرەققىيات تېز يولىدا مېڭىپ، كۆپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دۆلەت ئېكولوگىيەلىك سانائەت ئۈلگە رايونى قاتارلىق 14 دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە سىناق نۇقتىسى شەرىپىگە ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى%97.6 كە يەتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندى. 2013- يىلى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «100 مىليارد يۈەنلىك سانائەت رايونى»غا ئايلاندى، 2015- يىلى مالىيە كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ھازىر، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دا رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 9000 دىن ئاشىدۇ، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن 43 ى، تاپشۇرغان بېجى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانىدىن 87 سى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىدىن 47 سى بار. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى % 80يېمەكلىك، ئىچىملىك، پۈتۈن شىنجاڭدىكى % 38 تېببىي دورا ھەمدە شىنجاڭدىكى تۇنجى پىكاپ مۇشۇ يەردىن چىققان. 

 دۆلەت سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 2017- يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 219 دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش- باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) 36- ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، غەربىي قىسىمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.  

  يادرولۇق رايوننىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يۇقىرى ئورنىنى بەرپا قىلىش 

 «قايتا تەييارلىنىش»، «يەنە ئاتلىنىش»، «ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بۇ يىل ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ئالاقىدار يىغىنلاردا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىندى. 

 بۇ يىل ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا «تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈش»تىن ئىبارەت خۇشاللىنارلىق ھالەت نامايان بولدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن ئىبارەت بۇ «غەربىي قىسىمدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى» قۇرۇلۇشى تۇتقا قىلىنىپ، ئېچىۋېتىش قەدىمى سىجىل تېزلىتىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىساد يۇقىرى ئورنى بەرپا قىلىندى.

  ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھالقىپ ئاتلانتىك ئوكيان، تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول، دېڭىز يولى ئۇلاپ توشۇش لىنىيەسى قوزغىتىلدى. ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) «مال يىغىش، كەسىپلەر رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىچىدە «يىغىپ قۇراشتۇرۇش- يىغىپ توشۇش»نى تۇنجى بولۇپ تاماملىدى. 

 تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئازايتىش ئىسلاھاتىدا مىقدار ئاشۇرۇلۇپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلدى، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش» 150 ئىش تۈرىگە كۆپەيتىلدى. ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) يەنە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش»نىڭ 3- تۈركۈم ئىش تىزىملىكى ۋە مەمۇرىي ئىشلار ئۇچۇر بايلىقى مۇندەرىجىسىنى رەتلەشنى تېزلىتىپ، «ئالاقە تورى +مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇل سېلىپ، «سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك قاترىتىش، ئاممىنى ئازراق قاترىتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 

 سودىگەر چاقىرىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، «كۆپ نۇقتىدا گۈل ئېچىلدۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ رايون ئاپتوموبىل ۋە يۈرۈشلۈك زاپچاسلار، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارغا بېرىپ دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى. 

 ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايون(تۇدۇڭخابا رايونى)لۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بىز دۇچ كەلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر، ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەمما بىزنىڭ پەقەت بىرلا يولىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسلاھات روھى ئارقىلىق ئىسلاھات يولىدا يەنە ئاتلىنىپ، ئىسلاھاتتا يەنە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يەنە ئۈنۈم يارىتىشتىن ئىبارەت.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى