قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەما ئۇۋۇلاش ئۇستىسى شاكىرجان بەش يىلدا يەتتە ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى

2018-03-16 18:49:45     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

شاكىرجان بىمارنى ئۇۋۇلاپ داۋالىماقتا.

ئۆز خەۋىرىمىز: تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكەن نۇرلۇق ھايات بەدەندىكى كەمتۈكلۈك بىلەن جۇلاسىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.

بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن شاكىرجان ئىبىراھىم بىر ئەما ئۇۋىلاش ئۇستىسى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى دۇنيا قاراڭغۇ، ئەمما ئۇ مۇستەقىللىق، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بەدىلىگە بەختكە ئېرىشتى. ئۇ ھەرئايدا ئالىدىغان 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاشى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 9:00 دا، شاكىرجان بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلاپ كەتتى. ئۇ مۇخبىرغا: ئۇۋىلاش ئۇستىسى بولۇش كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. ئەمما مەن بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتەلىگىنىمگە خۇش بولىمەن،- دېدى.

بىر رادىيو __ ئەمەلىيەتتە مەن قىلالايمەن

1992-يىلى، شاكىرجان تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. يېڭى جاننىڭ قوشۇلۇشى بۇ ئائىلە كىشىلىرىنى چەكسىز بەختكە چۆمۈلدۈردى. خۇشاللىق كۈنلەر ئۇزاققا بارمايلا ئاتا-ئانىنىڭ ھەسرەتلىك كۈنلىرى باشلاندى. شاكىرجان كۆزىگە تۇغما ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، تۇغۇلۇشىدىنلا كۆزى كۆرمەيتتى.

ئاتا-ئانىسى ھەريان چېپىپ يۈرۈپ ئۇنى داۋالاتتى. بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى شاكىرجان نەچچە ئايدا بىر قېتىم كۆزىنى تەكشۈرۈتەتتى. كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ تەدرىجىي تارتىشىپ چۈشۈشىدىن پەيدا بولغان ئاغرىق سەۋەبىدىن بەزىدە تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلاپ كېتەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تاكى دادام-ئاپام ماڭا ئاشۇ رادىيونى ئەكىلىپ بەرگۈچە، گۈزەللىكنى، ئۈمىدنى ھېس قىلالمىغانىدىم. ھاياتنى شۇنداق مەنىسىز ئويلايتتىم. مەن رادىيودىن نۇرغۇنلىغان مېيىپ كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىدىم، مېيىپ ئادەمنىڭ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقى، گاس-گاچا ئادەمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان نورمال ئادەملەرمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى مېيىپلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئاستا-ئاستا ئۆزەمنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. كۆزۈم كۆرمىسىمۇ ئىككى قولۇم بار، مەن تىرىشساملا چوقۇم بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلىدىم.

كۆزۈم كۆرمىسىمۇ، ئىككى قولۇم بىلەن ھېس قىلىشنى ئۆگەندىم. مەن رېئاللىقنى قوبۇل قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىدىم.

17 ياش، تىرىشچانلىق بىلەن باشلانغان ياشلىق

2009-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئەمالار مەكتىپىنىڭ ئۇچۇرى شاكىرجان تۇرۇشلۇق كىچىك بازارغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يىلى شاكىرجان 17 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ياشلىقىدىكى بۇ ئەھمىيەتلىك سەپەرنى باشلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دۆلەتنىڭ بۇنداق ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىدىن مىننەتدارمەن. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مەن بىلىم ئالالايدىغان، ھاياتىمنى ئۆزگەرتىدىغان ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولدۇم.

ئەمالار مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، شاكىرجان بوشىشىپ قالمىدى، ھەركۈنى ئەڭ ئاۋۋال سىنىپقا كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپتىن ئايرىلاتتى. ئەمالار يېزىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالقانلىرىنى قاداق بېسىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئادەم پەللىسىدىكى سۆڭەك، مۇسكۇل، پەللە قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىلىرىنى بىلىۋالدى.

ئۈچ يىللىق ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، شاكىرجان يەنە لۇ ياۋنىڭ «ئاددىي دۇنيا»، ھىللىن.كېللىرنىڭ «كىشىلىك تۇرمۇش ھېكايەم»، «ئەگەر كۆزۈم ئۈچ كۈنلا كۆرسە»، خاۋ كىڭنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ........ قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم ئىگىلىگەندىن باشقا، ئاپتورلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئاكتىپ ئېنېرگىيەلەرنى قوبۇل قىلدى.

2011-يىلى، شاكىرجان سانجى شەھەرلىك «ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ئۇۋۇلاپ داۋالاش دوختۇرخانىسىغا باردى شۇنداقلا بۇ يەردە ئەمالار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن بىر ئەما ئۇۋۇلاش ئۇستىسىغا ئايلاندى.

ئۇ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئەما بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە زور مەنىۋىي ئوزۇق بولدى. خىزمەتداشلىرىم ۋە بىمارلار ماڭا نۇرغۇن ئىلھاملارنى بەردى. مېنىڭ ئۇۋۇلاپ داۋالاش تېخنىكامدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئىككى قولۇمغا تايىنىپ خۇشال-خۇرام، بەختلىك كۈن ئۆتكۈزدۈم.

بىر قېتىملىق ئۇۋۇلاپ داۋالاش جەريانىدا، ئىككى ئوقۇتقۇچىدىن ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان، ئىلگىرى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە، ياردىمىگە ئېرىشكەن شاكىرجان بۇ مېھىر-مۇھەببەت مەشئىلىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈشنى ئويلىدى.

ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلمىدىم. مەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ياكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدىم. ئەمما مېنىڭ شەرتىم بولسا بۇ ئوقۇغۇچىلار چوقۇم تىرىشىشى، ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك.

2013-يىلدىن بۇيان، شاكىرجان ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قىيىنچىلىقى بار يەتتە ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارغا ئادەمنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان كەمتۈكلۈكلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، پەقەت تىرىشقاندىلا يوقاتقانلىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسام دەيمەن.

ئۈچ ئارزۇ

ھازىر شاكىرجان ئۇۋۇلاپ داۋالاش خىزمىتىدىن باشقا، جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئاھالىلەر رايونى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، قولۇم-قوشنىلارنى ھەقسىز ئۇۋۇلاپ، داۋالاپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئۈمىدۋار، تىرىشچان روھى مەھەللىدىكى ھەممە خولۇم-قوشنىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا مەكتەپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلارغا مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغان ئىرادىلىك كىشىلەردىن بولۇش توغرىسىدا مەدەت بېرەتتى.

2018-يىل 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ مەنىۋىي مەدەنىيلىك تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق» نى تورداش باھالاش پائالىيىتىدە، شاكىرجان «ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق» شەرىپىگە نائىل بولدى.

تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكەن ھايات رەڭدارلىققا تولىدۇ. ئۇنىڭ كۆزى گەرچە كۆرمىسىمۇ، ئەمما تىرىشچانلىق بەدىلىگە كەلگەن يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ كەلدى.

كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ مۇنداق ئۈچ ئارزۇسى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشنى، جامائەت پاراۋانلىقى، پىدائىيلار پائالىيىتىگە داۋاملىق قاتنىشىشنى، دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن بىرلىكتە «ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ئۇۋۇلاپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا ھەتتا مەملىكەت ئىچىدە تارماق دوختۇرخانىلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىرجان بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە مۇزىكىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى كۆپلەپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ۋە نۇتۇق سۆزلەش جەھەتتىكى تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» ، «مەن ناتىق» قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك ساداسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئويلاۋاتىدۇ.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى