قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى سادىقلىق بىلەن قوغداش

2017-12-10 11:04:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  

سۈرەتتە: قەشقەر شەھەرلىك 1- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدىكى تېخنىك ئاينۇر رېھىم (ئوتتۇرىدا) يېڭى كەلگەن خىزمەتداشلىرىغا كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە. (مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن فوتوسى)

  «ھەر بىر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ قورساق قىسمىدىكى ئەزالىرىنى توغرا، ئېنىق كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك». قەشقەر شەھەرلىك 1- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدىكى ياش تېخنىك ئاينۇر رېھىم يېڭى كەلگەن خىزمەتدىشى چېن فاڭغا تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  قەشقەر شەھەرلىك 1- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدە، ئاينۇر رېھىم 11- ئاينىڭ 30- كۈنى 30 نەچچە ئادەمنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا كەينى- كەينىدىن تەكشۈرگەندىن كېيىن، كۆزىنى بىر ئاز يۇمۇپ، بويۇن، مۈرە ۋە قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈردى.

  − B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش بىر قەدەر جاپالىق، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەڭ توغرا نەتىجە ۋە ئەلا مۇلازىمىتىمىز بىلەن سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنى رازى قىلىشىمىز كېرەك، شۇڭا كەسىپكە پىششىق بولۇش ناھايىتى مۇھىم، ھازىر سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەر ئازايدى، بەزى دىياگنوز ماتېرىياللىرىنى قايتا كۆرۈپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى پىششىقلايلى، − دېدى ئاينۇر رېھىم چېن فاڭغا.

  ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتى مەزگىلىدە، ئاينۇر رېھىم ھەر كۈنى 150تىن كۆپرەك سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈردى، بۇ، بىر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ئىدى.

  − باشقىلار چۈشتىن كېيىن ئىشقا چۈشكەندە، مەن تېخى چۈشلۈك تاماقنىمۇ يېيەلمەيمەن، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە، ھېرىپ كەتكەنلىكىمدىن قولۇمنىمۇ كۆتۈرەلمەيمەن، − دېدى ئاينۇر رېھىم.

  − B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۆيىدىكى تېخنىكنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، دىققىتىڭىزنى يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرۇشىڭىز، ئوڭ قولىڭىزدا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تۇتۇپ توختىماي يۆتكەپ، سول قولىڭىزدا يەنە باغلىغۇچى رېئاگېنتنى پات- پات چىڭىتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك، − دېدى قەشقەر شەھەرلىك 1- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شاۋ رۇڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، − قەشقەر شەھىرى بۇ يىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنى ئۆزگەرتىپ قۇردى، يەنە داۋالاش كەسپىنى پۈتكۈزگەن بىر تۈركۈم ئىستۇدېنتنى قوبۇل قىلدى.

  − ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، بىزدەك ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان دوختۇرلارنى ئىلھاملاندۇردى، − دېدى ئاينۇر رېھىم.

  2014- يىلى شىنجاڭ زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تېببىي تەسۋىر تېخنىكىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئاينۇر رېھىم يۇرتى قەشقەر شەھىرىگە قايتىشنى تاللىدى، مەھەللىدە B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تېخنىكى بولدى، يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىدا بەش ئاي بىلىم ئاشۇردى.

  ئاينۇر رېھىم بىلىم ئاشۇرغان مەزگىلنى ئەسلەپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئۆگەنگىنىمىزنىڭ كۆپىنچىسى نەزەرىيەۋى بىلىملەر ئىدى، ئەمەلىي مەشغۇلاتنى ھەقىقىي باشلاپ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتنى قولۇمغا ئالغاندا، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغانىدىم.

  ئاينۇر رېھىم تېببىي تەسۋىر تېخنىكىسىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب سېتىۋېلىپ، ھەر بىر تەسۋىرنىڭ مەزمۇنىنى يادلاپتۇ، پىراكتىكا جەريانىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەسۋىرنى كۆرگەندە دەرھال سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىپتۇ. ئاينۇر رېھىم ھازىر ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى چېن فاڭ ۋە باشقا ئىككى شاگىرتىغا ئۆگىتىۋېتىپتۇ.

  كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان شاگىرتلىرىغا قاراپ، ئاينۇر رېھىم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ مۇستەقىل خىزمەت قىلىپ، مەن بىلەن بىللە سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاينۇر رېھىمغا ئوخشاش، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى ئاسىيە مۇسانىڭ غەيرىتى ئاھالىلەرگە ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلغانسېرى ھەسسىلەپ ئاشتى.

  ئاسىيە مۇسا 20 يىلغا يېقىن دوختۇرلۇق قىلغان بولۇپ، يىراق- يېقىنغا داڭلىق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرى.

  ئاسىيە مۇسا 2009- يىلى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تەربىيەسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، كۆپ تەرەپلىمە ماھارەت يېتىلدۈرگەن دوختۇرغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، شېنجېن جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىغا يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇۋۇلاش- تۇتۇشنى ئۆگەندى ھەم شېنجېندىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىغا ئېكىسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە باردى.

  ئاسىيە مۇسا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، جۇڭگوچە- غەربچە تېبابەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن كەلگۈسىدە بىلىم ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق كەسپىي ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى