ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بۇ جايدا ھاياتلىق نىشانىمنى تاپتىم»

2017-12-08 17:17:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 قەشقەر ۋە خوتەندىن كەلگەن خىزمەتچىلەر كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا غىزالانماقتا. بۇ شىركەت يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلار مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان تاماق تىزىملىكى تۈزدى. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

  «ئانا، مەن بۇ جايدا ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، ياتاق، تامىقىمىز ياخشى، بىلىم ئىگىلەپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار...» 22 ياشلىق ياسىن مەتقاسىم 11- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ كورلىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.

  ياسىن مەتقاسىم كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قاتىياق كەنتىدىكى دېھقان، ئۇ بۇ يىل 4- ئاينىڭ 24- كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن 441 ئارتۇق ئەمگەكچى بىلەن بىللە، كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدىكى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ياسىن مەتقاسىم تۆت ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلەشنى تۈگىتىپ ئىش ئورنىغا چىقتى.

  ياسىن مەتقاسىم ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئېيىغا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، ئۆزۈم 1000 يۈەننى ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئانامغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.

  ياسىن مەتقاسىم شىركەتكە يېڭى كەلگەندە يېڭى تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىغا ئانچە كۆنەلمىگەنىدى، تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ، داۋاملىق ئىشلەشنى خالىمىغانىدى. شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۇستازلارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلىشىدە، ياسىن مەتقاسىم كەيپىياتىنى ناھايىتى تېزلا تەڭشەپ، داۋاملىق ئىشلەش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

  ياسىن مەتقاسىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: غەيرىتىم تولۇپ تاشتى، ھازىر ئۆينى خىيالىمغا كىرگۈزۈۋالمايدىغان بولدۇم. بۇ جايدا ھاياتلىق نىشانىمنى تاپتىم، كارخانىدا داۋاملىق ئىشلەيمەن.

  ئاپتونوم رايوندىكى تايانچ كارخانا − جۇڭتەي گۇرۇھى تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 1000نى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 442 كىشى كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كادىرلار- كارخانا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ لياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات رايونىدا جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ فۇلىدا، جىنفۇ ۋە فۇلى جېنلۈندىن ئىبارەت ئۈچ تارماق شىركىتى بار، فۇلىدا شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىن 180 خىزمەتچى قوبۇل قىلدى.

  ياسىن مەتقاسىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: شىركەت خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا بىزگە قېرىندىشىمىزدەك مۇئامىلە قىلدى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم قىلدى، ھەر ئايدا ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ، پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىدۇ، يەنە 2000 يۈەن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بەردى.

  فۇلىدا شىركىتى ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدىكى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەربىيەلەش ۋە تۇرمۇش باشقۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىللىك ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

  ۋۇ لياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت خادىملارنى تاللاپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى، خىزمىتى، تۇرمۇشىغا مەسئۇل قىلىپ، يىڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق.

  ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى سېپىدىكى تايانچى با. سۇسىنچېچىك كەسپىگە ماھىر بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلەتتى، شىركەت ئۇنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئوقۇتقۇچى قىلدى.

  با. سۇسىنچېچىك مۇنداق دېدى: بىز ئون ئوقۇتقۇچى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، شىركەتكە يېڭى قوبۇل قىلىنغان 180 خىزمەتچىنى تەربىيەلىدۇق، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە غىزالىنىپ، تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايغا سىڭىشىشىگە، شۇنداقلا ئىش ئورنى تەلىپىگە تېزدىن لايىقلىشىپ، ئىش ئورنىغا چىقىشىغا ياردەم بەردۇق.

  شىنجاڭ فۇلىدا تالا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: «بىز يېڭىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا سالدۇق ھەم ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن، تاماق تىزىملىكىنى ئىلمىي تۈزۈپ، لەڭمەن، پولۇ، قورۇما چۆپ قاتارلىق تاماقلارنى چىقاردۇق». شىركەت يەنە ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، بىليارت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ئىسسىتقۇچ، تور تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق، يەنە كىر يۇيۇش ئۆيىمۇ تەسىس قىلىندى.

  يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانا تۇرمۇشىغا تېزدىن ماسلىشىشى ئۈچۈن، فۇلىدا شىركىتى مەخسۇس «قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن 180 خىزمەتچى يېتەكچى كادىر، شىركەت رەھبەرلىرى ۋە تەربىيەلەشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىركەتتىكى باشقا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، شىركەت ئۇلارغا كوللېكتىپ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى مەكىت كەنتىدىن كەلگەن رىزۋانگۈل قۇربان ھازىر فۇلىدا شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق تەملىك تورت يېيىشىم، بۇنداق كۆپ خىزمەتداشلار بىلەن تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلىشىم، بۇنداق قىزىقارلىق ئويۇننى ئوينىشىم، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم! تۇغۇلغان كۈننى كوللېكتىپ خاتىرىلىگەن ۋە ئويۇن ئوينىغان سۈرەتلەرنى كۆپ تارتتىم، مەن بۇ سۈرەتلەرنى ئۆيدىكىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى خۇشاللىقىمدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىمەن!

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى