ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹باشتىن–ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش››

2017-10-12 19:56:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 مىليونلىغان خەلقنى جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشكە يېتەكلىشىدىكى سىياسىي خىسلىتى ۋە كۈچ–قۇۋۋەت مەنبەسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى

تارىخنىڭ ساداسى ھەر دائىم جاراڭلىق بولىدۇ.
‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز››. 2012–يىل 11 –ئاينىڭ 15–كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يېڭىدىن سايلانغان شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، 1500 خەتلىك نۇتقىدا ‹‹خەلق›› دېگەن سۆزنى 19 قېتىم تىلغا ئالدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بەش يىلدا، ‹‹خەلق›› باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، زور فاڭجېن – سىياسەتلەر، زور خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.
پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 89 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىدۇ.
7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: ‹‹پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئۇنىڭ شانلىق مەنزىلگە قاراپ غەلىبەسېرى يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك›› دېگەن چاقىرىقنى چىقاردى.
100 يىلدىن بۇيانقى ئازاب – ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەمىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلا بولسا، چوقۇم غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قىلالىدى؟
‹‹باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش›› يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي خىسلىتى، ‹‹جۇڭگوچە ئىدارە قىلىش››نىڭ ‹‹سىياسىي مەخپىي نومۇرى››
10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئامېرىكا لاسۋىگاستا ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، 59 بىگۇناھ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى ناچارلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىزلاپ، سىياسىي جاڭجاللار كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش چوڭقۇرلاشتى ... غەرب ئەندىزىسى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى.
نۇرغۇن ئادەم مۇنداق بىر مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلماقتا: ‹‹غەربتە مالىمانچىلىق يۈز بېرىشى، جۇڭگونىڭ جەمئىيەتنى ياخشى ئىدارە قىلالىشى››دىكى سەۋەب زادى نەدە؟
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلىشى ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، شۇنداقلا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى روشەن سىياسىي خىسلىتى. بۇ، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىلالىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى بۇنىڭغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئەل قەلبى مايىل قىلىندى.
بەش يىلدىن بۇيان، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش جېڭى 60 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى؛ بىر مەيدان مىسلىسىز قاتتىق ئىستىل قۇرۇلۇشى قۇرۇلغىنىغا 90 يىلدىن ئاشقان چوڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان ئاڭلىقلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان كادىردىن 280 نەچچىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈي سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىق ئىلگىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن چىرىك ئۇنسۇرلار ئارقا – ئارقىدىن غۇلاپ چۈشتى.
چىرىكلىككە قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇش پەيدا قىلغان زىلزىلە ھەممەيلەنگەن ئايان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەممىنى دەڭسەپ باقتۇق، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئېنىق تونۇپ يەتتۇق.
ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇدى.
ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ شەھەر – يېزا نوپۇسىنى تىزىملاش تۈزۈمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى ...
بىر قاتار چوڭ – چوڭ ئىسلاھاتلار چېچەكلەپ مېۋە بەردى، ئىسلاھات تېخىمۇ كۆپ پۇقرانىڭ تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى.
دۆلەت قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىنىپ، ئامما ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئەلرايى مۇجەسسەملەندى.
1995 – يىلى، 22 ياشلىق نيې شۇبىن ئۇۋال قىلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى؛ 2016 – يىلى 12 – ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2 – سەييارە سوتى ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 3718 جاۋابكارنى قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ جاكارلىدى.
جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹دېلو تۇرغۇزۇش تەس بولۇش، دەۋا قىلىش قىيىن بولۇش، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش››تەك مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىندى... ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا توسالغۇلار ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق نۇر چاچتى.
ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرەيلەنمۇ چۈشۈرۈپ قويۇلماي، خەلق نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى.
خېبېي دۆلەت باج ئىدارىسىدىكى ۋاڭ جيەنپىڭ كاڭباۋ ناھىيەسى شىيۈفايىڭ كەنتىگە تۇنجى قېتىم بارغان چاغدىكى نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق‹‹سوغۇق››نى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پوزىتىسيەسى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىدىنمۇ بەكرەك سوغۇق ئىدى. ئۇلار ‹‹قېنى كۆرەمىز، بۇ يەرگە كەلگەن كادىرلارنىڭ قايسىبىرى ئۇزاقراق تۇرۇپ باققان›› دېيىشكەنىدى. كەچ كىرىشىگىلا كەنتتە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۈپ، ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ۋاڭ جيەنپىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغىدىن ئوننى سېتىۋالدى، يول چىرىغىنىڭ يورۇشى بىلەن كەنتتىكىلەرنىڭمۇ كۆڭلى يورىدى.
ۋاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش جەريانىدا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئوبرازى پۇقرالارنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ نۇرلاندى.
خەلقنىڭ مەيدانى مەڭگۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن مەڭگۈ پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى.
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىڭجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق ئىدىيەنىڭ جەۋھىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، شانلىق تارىخ ياراتتى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمىشقا ئاقىدۇ؟
‹‹باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش›› جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پۈتكۈل خەلقنى ئورتاق بېيىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى
بۇ يىل يازدا ئاسىيا – ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 50كە يېقىن ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇب – جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىدىكى بىر يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىدى.
نىگېرىيە ئەمەلدارى ئوملېل ئىليا مۇنداق دېدى: گەرچە دۇنيادا ھەممىگە قادىر ئۇسۇل ۋە يول مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگودا ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىمنىڭ نىگېرىيەنىڭ تەرەققىياتىغا زور پايدىسى بولىدۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمىشقا ئاقىدۇ؟
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيە خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىزدىنىپ تېپىپ چىققان يول، ئۇ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلغان.
جۇڭگونىڭ يېقىنقى 100 يىللىق ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ‹‹يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قورال ئارقىلىق تارتىۋېلىش›› يولىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولى ئېچىلغىچە ھەممىسىدە كوممۇنىستلار ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر ‹‹خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ›› كەلگەن.
جياڭشى ئۆلكىسى رۇيجىن شەھىرى يېپىڭ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتىدىكى تاغدا 17 تۈپ ياپيېشىل قارىغاي قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىنىڭ بېشىدا، خۇاۋۇ كەنتىدىكى 17 ياش يىگىت قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، 17 تۈپ قارىغاي كۆچىتى تىكىشكە ۋەدىلىشىپ، بۇ قارىغايلارنى تىككەن. ئۇلار ئىنقىلاب يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قارىغايلار ‹‹ئېتىقاد دەرىخى›› دەپ ئاتالغان.
زامان ۋە ماكان ئۆزگەردى، بۇ قارىغايلار پارتىيە ۋە خەلق مۇستەھكەم بىرلىشىدىغان غايە، ئېتىقادنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىسىگە شاھىت بولدى.
ھازىر خۇاۋۇ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزلىرىغا مېۋە، كۆكتات پارنىكى ياسىدى، تاشيول رۈيجىن شەھەر رايونىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلدى...
پارتىيە بىلەن خەلق بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە تەڭ كۈچىگەچكە، ئادەملەر، كەنتلەر، شەھەرلەرنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئالغا بېسىش قەدىمىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىنتىلىدىغان بېيىش پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى، ئىنتىلىدىغان تەرەققىيات خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسى مىننىڭ بازىرى ھازىر گۈللىنىپ روناق تاپتى، ئەينى يىلى بۇ يەر بىر قاقاسلىق ئىدى.
21 يىل ئىلگىرى، ‹‹فۇجيەن بىلەن نىڭشيانىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىش›› ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى، نىڭشياغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ خالىس تۆھپىسى بىلەن نىشانلىق ھەمكارلىشىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
شەرق بىلەن غەرب قول تۇتۇشۇپ نامراتلارنى يۆلەش، ئۈستۈنلۈكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاش، ئورتاق نەپ ئېلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى.
‹‹ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش››نى تەكىتلەشتىن ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېلىمىز جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىدى، راۋاجلاندى.
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.
جۇڭگو ئارزۇسى نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ؟
‹‹باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش›› جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ مەنبەسى
بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ‹‹جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل›› ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى باشلانغاندىن بۇيان، كۈندە ئون نەچچە مىڭ ئامما كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھازىرغىچە كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ جاينىڭ ئون كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى دۆلەتلىك مۇزېيدا ‹‹گۈللىنىش يولى›› ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىستەكنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ ئارزۇغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ ئارزۇدا جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئارزۇ ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئورتاق تەقەززاسى.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى بۇ كۆرگەزمە بەش يىل ئىلگىرىكى چاقىرىققا ئەڭ ياخشى ماسلاشقان. ئۇنىڭدا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە پۈتكەن شانلىق تارىخىي سەھىپىسى نامايان قىلىندى.
‹‹سىز ناھايىتى بەلەن ئىشلەۋاتىسىز، باش شۇجى يارايدۇ!››. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 – يىلى چاغان ھارپىسىدا جىڭگاڭشەننىڭ شېنشەن كەنتىگە كەلدى، يېشى 70تىن ئاشقان پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى پېڭ شۈيشېڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ، باش شۇجىنى ماختىدى.
بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ كومپارتىيەنى چىن قەلبىدىن تونۇغانلىقىنىڭ نامايەندىسى؛ بۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنىڭ پارتىيەنىڭ باش شۇجىسىغا بولغان چىن ھېسسىياتى.
بەش يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بىزگە مەڭگۈلۈك بىر ھەقىقەتنى ئۇقتۇردى پارتىيە باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىسىلا، قىلالمايدىغان ئىش، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ بولمايدۇ!
ئارزۇغا يېتىمىز دەيدىكەنمىز، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتسەك بولمايدۇ.
تارىخ يەنە ھالقىلىق پەيتكە قەدەم قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى قايتا – قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغۋار غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا داغدام يول بولمايدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن ‹‹قارلىق تاغ››، ‹‹سازلىق››لارنى كېسىپ ئۆتۈشىمىزگە، يەنە نۇرغۇن ‹‹لۇشەنگۇەن›› ئۆتكىلى، ‹‹لازىكۇ›› ئېغىزىنى بويسۇندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى، پىروفېسسور خەن چىڭشياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ ‹‹كاپالەتلىك قىلىش››تا، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ‹‹تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك›› تەدبىر بولۇشى زۆرۈر.
دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدا نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل كۆزىتىش پارتىيەنىڭ نازارەتچىلىكىدە مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىنىپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىغا كىرگۈزۈلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئۆتكۈر قوراللىق رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، دەۋرنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا باشتىن – ئاخىر ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ماۋ زېدۇڭ ‹‹ئەمەلىيەت توغرىسىدا›› دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: ئىنقىلاب دەۋرىدە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، ئەگەر ئىنقىلابچىلار بىلىشىنى شۇنىڭغا يارىشا تېز ئۆزگەرتمەيدىغان بولسا، ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگىلى بولمايدۇ.
بۇ قائىدە ئوخشاشلا قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات دەۋرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ھازىر ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدا كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىمە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلىنىپ، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى گاۋ پېييۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹26 – ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹سەككىزدە تېخىمۇ بولۇش›› ‹‹پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشى››دىكى كۈچەش يۆنىلىشى بولىدۇ.
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
جياۋ يۈلۇ مۇنداق دېگەن: خىزمەتتە ھېچ ئامال قالمىغاندا، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئاممىدىن سورىسىڭىز، ئامال تاپالايسىز.
لەنكاۋ ناھىيەسى ھازىر خېنەن ئۆلكىسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تۇنجى ناھىيەگە ئايلاندى، ناھىيە بويىچە ‹‹رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەش، كادىرلار تالىشىپ ئىشلەش، ئامما ئەگىشىپ ئىشلەش›› كەيپىياتى شەكىللەندى.
پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ ئاتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە، ھەممە ئادەمنىڭ كۈرەش قىلىدىغان سەھنىسى بار بولدى، ھەممە ئادەم باش قەھرىمان، ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا چاقنايدىغان پۇرسىتى بار. مانا بۇ يېڭىلمەس جۇڭگو كۈچى!
شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا، كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرلاشقان يېرىگە 130 مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ سۈرىتى ۋە كوللېكتىپ سۈرەت ئېسىلغان.
دېڭ جۇڭشيا، جياڭ جۇجۈن، دۇڭ سۈنرۈي، چيۇ شاۋيۈن، لېي فېڭ، جياۋ يۈلۇ، كۇڭ فەنسېن، تەن چيەنچيۇ، شېن خاۋ... ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خەلق بىلەن ‹‹قەلبداش›› بولۇش، ئەمەلىي ئىشلارنى ‹‹قىلىش››تەك قىممەت نىشانى يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك.
پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ئىكەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان ئۇلۇغ داستانلاردا، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئابىدىسى تىكلەنگەن، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەشتەك ئاساسىي مەقسىتى، مەيدانى شەرھلەنگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي يۈكسەك پەللىگە ئۆرلىشىگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن...
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى