قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  تۇرمۇشقا كۈلۈپ بېقىشنى ئۆگىنىۋالايلى

2017-10-12 19:42:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرمۇشقا تەبەسسۇم بىلەن بېقىش ياشاشنىڭ بىر تۈرلۈك غايىلىك شەكلىدۇر. رېئاللىقتا كۆپ ھاللاردا ئۇنى قىلىپ كېتىش تەسرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. پەقەت سىزدە ئۈمىدكە، كەڭ قورساقلىققا قۇچاق ئاچقۇدەك، كۈچلۈك قەلب بولسىلا بولىدۇ. زېھنىڭىزنى بولمىغۇر ئىشلارغا چېچىپ يۈرمەڭ، شۇ چاغدىلا سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىڭىزنى بەخت دېگەن بىر خىل ئىللىق سېزىم سېخىي نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ تۇرغان بولىدۇ.
ئادەملەر ئۆزىنى سۆيۈش بىلەن بىرگە، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. چۈنكى تۇرمۇشتا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇشنى  مەنىسىزلىك ھېس قىلغاچقا، مەيۈسلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ، تەشۋىشلىنىدۇ. تۇرمۇشنىڭ مەنىسىز بولۇشى سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى تەدبىرسىزلىكىڭىزدىن بولىدۇ. سىز تۇرمۇشىڭىزدىن زارلانغاندا، ھەسرەت چەككەندە باشقىلارغا قاراڭ، ئۇلار سىزدىنمۇ بەكرەك ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا تۇرمۇش بىلەن بىللە ئۆزىنى تەڭ سۆيۈش ئادەم ياشاش جەريانىدا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان قابىلىيەت، چۈنكى تۇرمۇش ئەزەلدىنلا ئادىل بولۇپ كەلگەن، بىز تۇرمۇشقا نېمىنى ئاتا قىلساق، تۇرمۇشمۇ ئۆز يولىدا بىزگە شۇنى قايتۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتساق، ئۇمۇ شۇنداق پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلساق ، ئۇمۇ خۇش چىراي ئاچىدۇ. بۇ خۇددى ئىنسانلار ئەينەكنى كەشىپ قىلغان كۈندىن باشلاپ ئەينەكتە ئۆز ئەكسىنى كۆرگەنگە ئوخشاشلا ئىش. چۈنكى ئادەم ئەينەككە كۈلۈپ قارىسا، ئىچىدىكى ئەكسىمۇ كۈلۈپ قارايدۇ، يىغلامسىراپ قارىسا تەبىئىي ھالدا ئەينەكتىكى ئەكسىمۇ يىغلامسىراپ قارايدۇ. ھەممە ئادەم ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپلا، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئوڭغا تارتىپ بەختلىك ياشىشىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈپتۈز يولدا مېڭىپ، ئۆمرىنى شاد خۇراملىق ئىچىدە خاتىرجەم ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئارزۇ  ئارمان بىلەن ئەمەلىيەت ئارىسىدا پەرق بولىدۇ.
تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بىر ئاقىلانە ئىش.  نېمە ئۈچۈن تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتكىلى بولمايدىكەن؟ تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بىز دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئەمما بېشىمىزغا قونمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ يۈرىدىغان بەخت قۇشىنىڭ نەق ئۆزى. كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن ئەپ ئۆتمىگەن قايسى بىر ئادەم بەخت پەيزى سۈرگەن دەيسىز؟ ئىنساننىڭ ھاياتىدا قايغۇ ھەسرەت بولۇپ تۇرىدۇ،  بۇنىڭغا توغرا قاراپ قوبۇل قىلىشقا، زورلىماسلىققا قاقشىماسلىققا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا ئىرەن قىلىپمۇ كەتمەي، كۈلۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىش زۆرۈر تېپىلغاندا تۇرمۇشقا  ماسلىشالايدىغان بولۇشى كېرەك.
تۇرمۇشتا نېمە ئۈچۈن، بەزى كىشىلەر شۇنچە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى شۇنچە ئاددىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلالايدۇ؟ ئەكسىچە نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلىدىن چەكسىز ئازابلىنىپ.كېتىدۇ؟ بۇنىڭدىكى نېگىزلىك مەسىلە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەدە  ئىپادىلىنىدۇ، ھەتتا بۇ قوشنىلار ئارىسىدىكى كىچىككىنە  مۇناسىۋەتتىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ.
باشقىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلىدە بولىدۇ.  تۇرمۇش بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ، سىز كۈلسىڭىز كۈلىدۇ، سىز يىغلىسىڭىز ئۇمۇ يىغلايدۇ، نېمىلا بولمىسۇن  مەيلى ئىش خىزمەتتە بولسۇن ھەممىسى بۇ قائىدىدىن چەنتەپ كېتەلمەيدۇ، بۇ قائىدىنى ئەقلى بىلەن ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم دېگۈدەك بىلىشى تۇرمۇشقا ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى، تەربىيە كۆرگەن ئادەم بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.  ئادەملەرنىڭ خىزمەتكە سۇسلۇق قىلىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇشى شۇ زامان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا  تەسىر قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر كۆپىنچە تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ، دوستانە، يېقىشلىق ھالەتنى شەكىللەندۈرىدىغان چاغدا، ئاڭسىزلارچە بىر خىل سېزىم بىلەن ئەسلى ھالىتىنى بۇزۇپ، تۇرمۇشقا كۈلۈپ قاراشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تۇرمۇشقا كۈلۈپ قاراش دېگەنلىكنى ئۇچۇرغانلا ئادەمگە ئۇچرىغانلا نەرسىلەرگە كۈلۈپ قاراش دەپ چۈشەنسەك بەك ئاددى بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە گەپ سۆزلىرىمىز،  كۈندىلىك قىلىۋاتقان ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بۇ ھاياتقا تۇرمۇشقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرگە  قەلبىڭىز ئەپۇچانلىق كۆزنىكىنى ئېچىۋەتسە، ئېھتىمال تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەر سىزنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن . تۇرمۇشتا ئاكتىپ، ئىجابىي سۆزلەرنى قىلىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلايلى. پەقەت ئاكتىپ،  ئىجابىي سۆز ئىبارىلەرنى ئىش ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي قېلىپ تۇرغاندىلا شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى بۇنداق ئىجابىي ھەرىكەت داۋاملىشىۋەرگەندە، بەدىنىمىز ئۈزلۈكسىز ھالدا مېھىر مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا ئىش ھەرىكىتىمىزگە ئايلىنىپ،  قىلغان گەپ سۆزلىرىمىزمۇ بارا بارا  ئەمەلىيىتىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ.
   ئەگەر ھەممىمىز تۇرمۇشىمىزنىڭ بەخت نۇرىغا تولغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلساق، ئۇنداقتا چىرايىمىز، روھىي كەيپىياتىمىز ئاپتاپتەك پارلاپ تۇرىدىغان ھالىتىمىزنى ساقلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز ئىللىق ھارارىتىمىزنى  ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن چاچىدىغان بولساق بەختىڭ زەر نۇرلىرى  تۇرمۇشىمىزنى، قەلبىمىزنى ئۆزلۈكىدىن يالتىرىتىپ تۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى