قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىننەتدارلىق ئادىمىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر

2017-10-12 19:41:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىننەتدارلىق−ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمگە، غەمخورلۇققا ئېرىشكەنلەرنىڭ قارشى تەرەپكە بىلدۈرگەن ئىپادىسى ۋە پوزىتسىيەسى.
ئەتراپىمىزدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە، كۆيۈمچان دوستلىرىمىزنىڭ ھىمايىسىگە، مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز ھەم رەھبەرلىرىمىزنىڭ غەمخورلۇقىغا، كەسىپداشلىرىمىزنىڭ يېتەكلىشىگە، مېھرىبان ساخاۋەتچىلىرىمىزنىڭ يۆلىشىگە ئېرىشكىنىمىزدە شۇ قەدىردانلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز، مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بەزىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىمىز، بەزىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمىز، بەزىلىرىنىڭ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولىمىز، يەنە بەزىلىرىگە بىز ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز. مەيلى بىز باشقىلارغا ياردەم قىلايلى ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەيلى مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەشنىڭ بىرخىل سەمىمىيلىكنىڭ، روھىې ساغلاملىقنىڭ، ساپانىڭ، ئادىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، شۇ سۈپەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ھېسسىي تۇيغۇ، ھەرىكەت شەكلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
بىز مەلۇم بىر ھاجەتمەنگە خالىس ياردەم قولىمىزنى سۇنغىنىمىزدا، ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان رەھمەت سۆزىنى، بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغىنىمىزدا كۆڭلىمىز ئېچىلىپ، خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچ ئۇلغىيىپ، دىلىمىزدا تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئارمانلىرىمىز بىخلىنىدۇ. مانا بۇ مىننەتدارلىقنىڭ سېھرىي كۈچى. ئوخشاشلا بىزنىڭ باشقىلارغا قايتۇرغان مىننەتدارلىق سۆزىمىز قارشى تەرەپكە بېرىلگەن روھىې ئوزۇق، كۆڭۈل ئازادىلىكى، دىل شادلىقى.
بەزى چاغلاردا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە، غەمخورلۇقىغا، قوللىشىغا ئېرىشكىنىمىزدە «رەھمەت» دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالىمىز، مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەشنى ئارتۇقچە دەپ چۈشىنىمىز. دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكىنىمىزدە «بىز دوست تۇرساق»دەپ ئويلاپ قالىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز، كەسىپداشلىرىمىزغا نىسبەتەن «ئۇ پېشقەدەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمىناتىمۇ بىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاندىكىن...» دەپ قارايمىز، جەمەتىمىزگە نىسبەتەن «بىز ئۇرۇق- تۇغقان» دەپ چۈشىنىمىز، قوشنا- قولۇم، ساۋاقداشلارغىمۇ ئويلاپ قويغان مۇۋاپىق باھانىمىز بار.
كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمىگە مەيلى نېمە سەۋەب، قايسى شەكىل بىلەن ئېرىشەيلى قارشى تەرەپكە رەھمەت سۆزىنى ھەدىيە قىلىشنى، سەمىمىيلىك بىلەن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى بىر ئېغىز «رەھمەت»سۆزىمىز، بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىمىز بىزنىڭ يولىمىزنى تېخىمۇ راۋان، ئىشىمىزنى ئاسان قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى