قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نىشان ۋە كىشىلىك تۇرمۇش

2017-10-12 19:40:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

غايە ۋە نىشان ئىنساننى دائىم ئالغا قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. غايىسىز، نىشانسىز كىشى خۇددى يەلكەنسىز كېمىگە ئوخشاش ھايات يولىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەي قالىدۇ. يېقىندا ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، بىر ياتاقتا ياتقان يەتتە نەپەر ساۋاقداش ئۈرۈمچىدە جەم بولۇپ قالدۇق. ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقان، ئەينى چاغدىكى بەرنا يىگىتلەر 20 نەچچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە قىرانلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپتىمىز. شۇنىڭدەك ھەممىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىز ھەر خىل بوپتۇ.
ئارىمىزدىن بىر ساۋاقدىشىمىز خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە نامى بار بىر شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ. 100دىن ئارتۇق ئادەمنى شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. <<بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم>>دېگەندەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدىلا بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ پىكرى ئوچۇق، غايىلىك بولغاچقا، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايتتى. دېمەك، ئۇ شۇ چاغلاردىلا ئۆزىدە بىر نىشان تۇرغۇزغان. شۇ نىشان بويىچە ئىلگىرىلەپ مانا بۈگۈنكى كۈندە شىركەت خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ. دەرۋەقە، نىشان، غايە ئىنسانغا يول باشلىغۇچى ماياك بولۇپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئەتراپىمىزدا بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىشى ئەپلەشسە ئۆزىدىن، ئەپلەشمىسە باشقىلاردىن كۆرۈپ ياشايدۇ. ھاياتقا كۈلۈپ باققانلارغا ھاياتمۇ كۈلۈپ باقىدۇ. سىز بىراۋغا تەبەسسۇم بىلەن تىكىلسىڭىز ئۇنىڭدىن تەبەسسۇم قايتىدۇ. قاقشاش، باشقىلارغا قېيداش ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇچرىشىپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئادەم مەلۇم نىشاننى كۆزلەپ، شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشسا، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدىكەن، يېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ يېقىنلىشىدىكەن.  مەلۇم بىر مويسىپىت ماڭا شۇنداق دېگەنىدى: تۇرمۇشتا تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆزۈڭدىن تۆۋەنلەر بىلەن سېلىشتۇر، قانائەت تاپىسەن، كەسىپ ھەم مۇۋەپپەقىيەتتە ئۆزۈڭدىن يۇقىرىلارغا سېلىشتۇر، يېڭى ئىرادىگە كېلىسەن.ئىنساندا تىرىشىش نىشانى بولۇش كېرەك. «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەندەك، ھەممىمىزدە بىر نىشان بولۇشى، شۇ نىشانغا يېتىش يولىدىكى تەدبىر، پىلانلىرىمىز بولۇشى كېرەك. سىز تېخىچە بىرەر نىشان تىكلىمىگەن بولسىڭىز، دەرھال تىكلەشكە تىرىشىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى دەڭسەپ، نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلىڭ. ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى مۆلچەرلەڭكى، ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ. سىز نىشانىڭىزنى تۇرغۇزۇپ بولغان كۈنىڭىز، چوقۇمكى، ۋۇجۇدىڭىزغا قەيەردىندۇر بىر يېڭى كۈچنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى