قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  مەسئۇلىيەت توغرىسىدا ئىككى كەلىمە

2017-10-12 19:39:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىز مەيلى قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولايلى، ھەممە ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ- كىچىكى يوق. مەسىلەن، ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى، پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغان ئاتا- ئانىلىرىنى بېقىشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەر زىممىمىزگە يۈكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئىزدىنىش، تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
كىشىلەر خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، مەسئۇلىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، خىزمىتىنى بەجانىدىل، كەم- كوتسىز، مۇكەممەل ئىشلەشكە تىرىشىدۇ. ئۆز ئىشىدا ئازراق سەۋەنلىكنىڭ يۈز بېرىشىگىمۇ يول قويمايدۇ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز، ئەمما باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى «مېنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرەمدىكى ئىش ئەمەسكەن» دەپ باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويمايدۇ. مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنىمۇ قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئارتۇقچە ئىش دەپ قارايدۇ. ھەتتا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قارايدۇ. مەسئۇلىيەتنى ھەدېسە باشقىلارغا ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
   رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچان ۋە مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى مىننەتسىز ھالدا تىرىشىپ ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، ھاياتلىقىنى مېھىر- مۇھەببەت ۋە گۈزەللىككە تولدۇرۇپ، ئۈن- تىنسىز ھالدا جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ۋۇجۇدىمىزدا ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇمىز پەيدا بولىدۇ. چۈنكى، ھايات مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى