قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەتداشلار ئارا پاراڭلاشقاندا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

2017-10-12 19:34:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سۆز قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىڭ.
 نۇرغۇن ئادەم گەپ قىلغاندا، باشقىلارنىڭ چىراي ئىپادىسىگە، مۇۋاپىق پۇرسەت ۋە سورۇنغا دىققەت قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلايدۇ. بۇ ساپا تۆۋەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. مۇبادا گەپ قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتى ۋە سۆزىڭىزنىڭ  مەزمونىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىسىڭىز پاراڭنى تېخىمۇ مەزمونلۇق ۋە قىزىقارلىق قىلالايسىز ھەم باشقىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىڭىزنىمۇ  يېقىنلاشتۇرالايسىز.
خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە نۇخسانلىرىنى تىلغا ئالماڭ.
كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرى ۋە نۇقسانلىرىنى تىلغا ئېلىش كىشىنى بىزار قىلدىغان ئىش. پىسخىلوگلار مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىممڭ ئۆز نۇقسانلىرى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارلىنىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا پاراڭلاشقاندا ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بولمىسا، مۇنداق سەزگۈر رايونغا يېقىنلىشىشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلىگەن تۈزۈك. زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، قارشى تەرەپكە ئۇنىڭ خاتالىقىنى ۋە مەخپىيەتلىكىنى بىلىپ قالغانلىقىڭىزنى يوشۇرۇن ئىپادىلاپ، قارشى تەرەپنىڭ نۇقسانلىرىنى تۈزىتىۋېلىشىگە پۇرسەت بېرىڭ. ئاقىل كىشى باشقىلار ئۇنىڭغا 3-تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە نۇقسانلىرىنى  ئاشكارلايدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلسا، سۆزنىڭ تېمىسىنى ئۇستىلىق بىلەن بۇزۇۋېتىدۇ، باشقىلارنىڭ پىرىنسىپقا ياتمايدىغان نۇقسانلىرىغا قارىتا گاس-گاچا بولۇۋالىدۇ.
خىزمەتداشلىرىڭىزغا دەرت تۆكمەڭ:
كۆپىنچە كىشىلەر ئىشخانىنى يېرىم ئۆيى قىلىۋالىدۇ، تۇرمۇشتا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىدىمۇ، كېلىپ خىزمەتداشلىرىغا دەيدۇ، بۇنداق قىلغاندا خىزمەتداشلار ئارا ھېسسىيات ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، پەقەت  1%  ئادەملا مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلىيالايدىكەن، شۇڭا بېشىڭىزغا كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، شەخسىي تۇرمۇشىڭىزغا ئائىت ئىشلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە دەپ يۈرمەڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ «دوستانىلىقى» ۋە «مېھرىبانلىقى» سىزنى ۋە دۇچ كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكنى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن، شۇندىلا رەھبىرىڭىزگە «چاتىقى كۆپ» دېگەن يامان تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز.
خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن دە-تالاش قىلماڭ.
بەزىلەر مۇنازىرىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ سۆزدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشمىگىچە كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. مۇبادا سىز بەس-مۇنازىرىگە قەۋەتلا ئامراق بولسىڭىز ھەم بۇ جەھەتتە تالانتىڭىز بولسا، تالانتىڭىزنى خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ سىرتىدا جارى قىلدۇرۇڭ. بولمىسا مۇنازىرىدە يەڭگەن تەقدىردىمۇ، خىزمەتدىشىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ قويىسىز. كىم بىلىدۇ، بىر كۈنلەردە ئۇ ئاشۇ ئىش تۈپەيلىدىن سىزدىن ئۆچ ئالامدۇ تېخى.
 
خىزمەتداشلىرىڭىزنى ئالدىدا غەيۋەت قىلماڭ:
تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بىر قانچە ئادەم بىر يەرگە يىغىلدىمۇ تاغدىن-باغدىن گەپ بولۇپ، ئايىغى غەيۋەتكە تۇتىشىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا دىققەت قىلمىسىڭىز، سىزمۇ «غەيۋەتخور» غا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز، ھەتتا بەزى چاغلاردا شۇ غەيۋەتنىڭ ئوبېيكتى سىز بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن. غەيۋەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا  قالماي، يەنە خىزمەت كەيپىياتىغىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا دانا كىشى باشقىلارغا پىكرى بولسا دادىللىق بىلەن يۈزتۇرانە ئېيتىدۇ، ھەرگىزمۇ كەينىدىن قالايمىقان گەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكمەيدۇ.
خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا كۆرەڭلىمەڭ: خىزمەتداشلىرى بىلەن تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقلىرىدىن ھەمبەھرلىنىش ياخشى ئىش، بىراق ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار. مۇبادا سىز خىزمەتتە زور ئۇتۇق قازاندىڭىز ياكى رەھبىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىشىغا نائىل بولسىڭىز، بۇنداق چاغدا ئىلاج بار ئۆزىڭىزنى كەمتەر تۇتۇڭ، شۇندىلا  خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدىكى ئىچى تار «ھەسەتخور» لارنىڭ «جازا تېشى»ىدىن ساقلىنالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى