قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «ئۆكتەبىر» ھەپتىلىكىدە، غەربىي گوبى كەنتى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى

2017-10-12 19:26:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «ئۆكتەبىر» ھەپتىلىكىدە، غەربىي گوبى كەنتى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ گۈل تاماشا قىلىپ، مەنزىرە كۆرۈپ، يېڭى يېزىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھېس قىلدى. پاكىز، ئازادە دېھقان ھويلىلىرى، تەكشى ئاسفالىت يوللار، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت مەيدانى، دېھقانلار ئائىلىسى كارىدورى، كۆكتاك، مېۋە- چېۋە ئۈزۈش ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى شەھەرنىڭ ۋاڭ- چۇڭلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، راھەت ھېس قىلدۇردى. بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسى «باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بىلەن ھەمكارلىق كوپېراتىپى» ئۆز ئارا بىرىككەن باقمىچىلىق- تېرىقچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىنى قوللاندى، غەربىي گوبى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما لەنفاڭلا 100 دىن ئارتۇق ئىنەك سېتىۋېلىپ، مەركەزلىك باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. كۆڭۈل قويۇپ بېقىش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر 90 پىرسەنت ئىنەك تۆرەلمە كۆچۈرۈش ئارقىلىق بوغاز بولدى. نىسبەتەن ياخشى بېقىش شارائىتى، مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە ما لەنفاڭنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى بارغانسېرى زور بولۇۋاتىدۇ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى باياشات بولماقتا. ھازىر 100 دىن ئارتۇق كالا بېقىپ، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى