قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇشتىكى بىرقانچە پىرىنسىپ

2017-10-12 19:06:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. كۆڭۈل قويۇپ ياندۇرۇش
ئازراقلا دىققىتىڭىزنى يىغمىسىڭىز چوڭ خەتەر كۆرۈلىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاش، پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك سىگنال ھېسابلىنىدۇ. خۇددى مەكتەپتە ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىمىغانغا ئوخشاش؛ ئەمما ماشىنىنى ياندۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنىڭدىن ئېغىر، چۈنكى ھايات- مامات قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا بولىدۇ.
2. ياندۇرۇشتىن بۇرۇن كۆزىتىش
ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونى بولىدۇ، ماشىنا ئىچىدە سىرتتىكى كىچىك ھايۋان ۋە بالىلارنى، شۇنداقلا تىنچ نەرسىلەرنى ئاسانلىقچە كۆرگىلى بولمايدۇ، مەسىلەن: تاش ئورۇندۇق دېگەندەك. ماشىنىنى ياندۇرۇشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئارقا تەرەپتە توسالغۇ جىسىم بار- يوقلۇقىنى ياخشى كۆزىتىش ھەمدە ئارقىغا ياندۇرغاندا بىر تەرەپتىن سىگنال بەرگەچ ياندۇرۇش لازىم.
3. ئارقىغا ياندۇرۇش يولىنى ياخشى پىلانلاش
خۇددىي ئىشىكتىن چىققان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە تونۇش يولدا ماڭغاندەك، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندىمۇ ياندۇرۇش يولىنى كاللىڭىزدا پىلانلىۋېلىشىڭىز كېرەك.
4. پۇتنى تورمۇزدىن ئايرىماسلىق
پۇتنى تورمۇز تەپكىسىدىن ئايرىماسلىق ماشىنىدا بىر كىچىك بىخەتەرلىك كاپالىتى بولغان بىلەن باراۋەر، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرغاندا ماشىنا ئازگالغا كىرىپ قالسا تېز سۈرئەتتە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
5. ئۈچ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە قاراپ جەزىملەشتۈرۈش
ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش ھەممە تەرەپلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ خەتەردىن ساقلىنىدىغان جەريان، شۇڭا چوقۇم ئۈچ دانە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە تەكرار قاراپ يول ئەھۋالىنى جەزىملەشتۈرۈش لازىم.
6. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىۋالماسلىق
ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئادەم ياساپ چىققان، شۇڭا ئادەمدەك ئەقىللىك ۋە ئىشەنچىلىك ئەمەس. بەزى بۇلۇڭلارنى بايقىيالمايدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈمىگە ئىشەنگىنىڭىز ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ئىشەنگەندىن كۆپ ياخشى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى