قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىسى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر كىلوۋات/ سائەت توكنىڭ باھاسى 0.39 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلدى

2017-10-12 18:34:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىسى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر كىلوۋات/ سائەت توكنىڭ باھاسى بۇ يىل 7- ئايدىن باشلاپ 0.39 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئارتۇق تاپشۇرغان توك پۇلى بۇ يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە قايتۇرۇلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھۆججەت چىقىرىپ، ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن توك پۇلىنى قايتۇرۇپ بولالمىغانلارنىڭ 2018- يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە قايتۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توكنىڭ باھاسى تۆۋەنلەشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى (ئوبلاست، شەھەر) دىكى ئاھالىلەر تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر كىلوۋات/ سائەت توكنىڭ باھاسى 0.455 يۈەندىن 0.625 يۈەنگىچە بولۇپ، توك باھاسى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن ھەر كىلوۋات/ سائەت توكنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.1634 يۈەن تۆۋەنلىگەن. بۇنداق بولغاندا ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئۈچۈن 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن توك چىقىمى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئائىلىگە يىلىغا تەخمىنەن 190 يۈەن توك چىقىمى تېجىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىدە يەنە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى، توك بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى (خوجىلىق ئورۇنلىرى)نىڭ ھەرقانداق باھانە ۋە ئۇسۇل بىلەن توك باھاسىنى ئۆستۈرمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى