قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى ئويلاش- ئالىيجاناپلىقتۇر

2017-10-12 18:05:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پەزىلەتلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلگەن، قەلبىدە قىلچىلىك شەخسىيەتچىلىك بولمىغان كىشى ھەمىشە خۇشال ياشايدۇ. سىزدە شەخسىيەتسىز، باشقىلارنى ئويلايدىغان يۈرەك بولسا، بەختىيارلىق تۇيغۇسى ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەم بولۇپ، سىزنى پۈتمەس- تۈگىمەس بەخت، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش، خەيرلىك ئىشلارغا ئىنتىلىش بۈيۈك ئەخلاق- پەزىلەتتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كۆز ئالايتىش، ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئەخلاقسىزلىقتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، پەزىلەتلىك كىشى ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇقمۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى يېلىنجاپ تۇرىدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ. بىر ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، تىڭىرقاپ قالغانلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، پايدىلىق مەسلىھەت بېرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم قىسقىغىنا ھاياتىدا مەنىلىك ئىزلارنى قالدۇرۇشنى، قىلغان ئىشىدا نەتىجە يارىتىپ، ئىززەت- ھۆرمەت، شان- شەرەپكە نائىل بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم جىمىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇشىنى ئويلاپ، باشقا كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارى بولمىسا ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بەختىيار ياشىشىنى خالىمىسا، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاق دەرىخىنىڭ مېۋە بەرمەيلا قۇرۇپ قالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئايىغى چىقمايدۇ. ئادەم ھاياتىدا پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلىمەي، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ تەڭ ئويلىغان ۋاقتىدا، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر- مۇھەببەت، ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىق ئەۋج ئالىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل- ئەخلاق ۋە ئېسىل خىسلەتلەر ئومۇملىشىدۇ، بىز باشقىلارنىڭ غېمىنى يېسەك، باشقىلارمۇ بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدۇ. دېمەك كىشىلىك تۇرمۇش بىزدىن ھەممە جەھەتتە تەلەپچان بولۇپ، ئۆز نەپسىگە بېرىلىشتىن قول ئۈزۈپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىيالايدىغان، خالىس نىيەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتىمىز ۋە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى