قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېسامكامنىڭ يۇمۇرلىرىدىن ئارىيە

2017-10-11 17:02:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

@ ھېسامكام مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ۋالىبۇل كوماندىسىنىڭ ئەزاسىكەندە، بىر كۈنى ۋالىبۇل كوماندىسىنىڭ ئايال تېرىنىرى كوماندىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارشى تەرەپنى قانداق ئېزىقتۇرۇش ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن ھېسامدىن سوراپتۇ:
- ھەي ھېسام قېنى ئېيتە، توپنى قانداق ئۇرغاندا قارشى تەرەپ ئالالمايدۇ.
-مەيداننىڭ سىرتىغا ئۇرسا ئالالمايدۇ.
 
@-ھەدەپ چوكا مۇز يەيمەن دەپ جىدەل قىلىۋەرگەن ھېسامغا ئاپىسى دەپتۇ:
- بالام، چوكا مۇزنى ئازىراق يىگىن، ئاشقازىنىڭ توڭولاپ قالمىسۇن يەنە.
-خاتىرجەم بولە ئاپا، ئۆيگە بارغاندا قىززىق چاي ئىچىۋەتسەمغۇ بولا.
 
@ـ ھېسامكام مەدەنىيەت ئېدارىسىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئايال خىزمەتدىشى ھېسامغا دەپتۇ:
-قاراڭ ھېسام، بىر موھىم ماتىريال باتتى، يازاي دىسەم بېشىمنىڭ يېرىمى ئاغىرۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟
-قانداق قىلاتتىڭىز، ئاغىرمىغان يېرىمى بىلەن ئويلاپ يېزىۋىرىڭ.
 
@ ھېسامكام قۇلۇپ ياساپ سېتىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر خېرىدار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوراپتۇ:
-  ھېسامكا، ياسىغان قولپىڭىز قانداقىراق، ئوغىرى ئېچىتىۋىتەلمەس ھە؟
- خاتىرجەم ئېلىۋىرىڭ، گاھىدا ئۆزىنىڭ ئاچىقۇچىدىمۇ ئېچىلمايدىغان تۇرسا، ئوغىرى ئاچالامتى؟

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى