قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەز ئورگانلىرى ۋە قاراشلىق ئورۇنلار 2018 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى

2017-10-11 13:27:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەز ئورگانلىرى ۋە قاراشلىق ئورۇنلار 2018 - يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، يېزىقچە ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ10-كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى. 2018 -يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھان ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يېرىم ئاي كېچىكتۈرۈلگەن، يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتىمۇ ئىلگىرىكى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 12-ئاينىڭ بېشىغا سۈرۈلگەن. مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەي، ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىن قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانى بىر ھەسسە ئېشىپ ماڭغان، 2007 -يىلى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا 6000 ئورۇنغا 12 مىڭ 724  خادىم قوبۇل قىلىنغان، 2016 -يىلىغا كەلگەندە، قوبۇل قىلىش ئورنى ئېشىپ 15مىڭغا يەتكەندە  27 مىڭ 817 خادىم قوبۇل قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى