قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سۈت تەركىبىدە ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە سۇ بولىدىكەن

2017-10-10 12:34:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈت تەركىبىدە ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە سۇ بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەركىن سۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇ باشقا ماددىلار بىلەن بىرىكمەي، پەقەت ئېرىتكۈچى رولىنى ئوينايدىكەن.
ئىككىنچى خىلى بىرىككەن سۇ بولۇپ، ئاقسىل، لاكتوزا، تۇز تۈرلىرى بىلەن بىرىكىدىغان بىر خىل سۇدىن ئىبارەت بولۇپ، باشقا ماددىلارنى ئېرىتەلمەيدىكەن. ھەم ھەر قانداق شارائىتتا توڭلىمايدىكەن. ئۇچىنچى خىلى كىرىستال سۇ بولۇپ، لاكتوزا بىلەن كىرىستال جىسىم بىرگە مەۋجۇت بولىدىغان سۇدىن ئىبارەت ، ئەگەر سۈت توڭلىسا، ئەركىن سۇ ئاۋال توڭلايدىكەن . سۈت سىرتىدىن ئىچىگە تەدىرىجى توڭلايدۇ، ئىچىدىكى قۇرۇق ماددا مىقدارى مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىدۇ، ئەگەر سۈت ئېرىسە، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ماددىسى ئاسانلا چۆكمە ھاسىل قىلىپ، قېتىپ سۈپىتى ئۆزگىرىدىكەن . شۇڭا، سۈتنى توڭلىتىپ ساقلاشقا بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى