قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈلزىننەت توقان بارلىقىنى ھەر مىللەت بالىلىرىغا ئاتاپ، ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىدى

2017-10-09 12:02:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
گۈلزىننەت توقان-- ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىنىڭ باشلىقى بولۇپ، يەسلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان 13 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى ھەر مىللەت بالىلىرىغا ئاتاپ، ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىدى.
2004- يىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن گۈلزىننەت توقان ئاقچى ناھىيەسىدىكى يەسلىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، يەسلىدىكى بىردىنبىر قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بارلىقىنى خىزمەتكە ئاتاپ، دائىم ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىدى. يەسلىدىكى بالىلارنىڭ چەكلىك بولغان دەرسخانا ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا خەنزۇ تىلىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتىش ئۈچۈن، گۈلزىننەت توقان بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەمدە كېڭەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.  ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئالىم مۇنداق دېدى: يەسلى باشلىقىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ تەربىيەسىدە، خەنزۇ تىلىنى بارغانسېرى ياخشى سۆزلەيدىغان بولدۇم.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئىزدەنگەندىن باشقا، گۈلزىننەت توقان يەنە يەسلىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ دائىم دىگۈدەك بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى. يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئايات ئامانتۇر مۇنداق دېدى: يەسلى باشلىقى دائىم بىزگە «ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىمىز كېرەك.» دەيدۇ.
بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى بارغانسېرى ياخشى سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گۈلزىننەت توقان ناھايىتى خۇش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن باشلاپلا، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى تەربىيەلەش، ئۇلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى