قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلار ئازادە ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىغا موھتاج

2017-10-08 19:54:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەممە ئاتا -ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ياراملىق بولۇشىنىلا ئويلايدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت، تەربىيەلىنىش ۋە مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مەلۇم پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھال نۇرغۇن ئاتا - ئانىغا باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالا ھامان بىر تەرەپتە نەتىجە قازىنىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا -ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەربىيەلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. لېكىن، قېلىپلاشقان رامكا ، زىيادە كۆيۈمچانلىق ئەمەلىيەتتە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر.
ئادەتتە مۇنداق ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقۇپ تۇرىمىز: ئايىغى چىققان بالىلار تەمتىلەپ مېڭىپ يىقىلىپ چۈشكەندە بەزى ئاتا -ئانىلار يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىلاردا بارا - بارا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسىمۇ يەنىلا مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ ئەكېلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا ياكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولسۇن ئىمتىھان باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقىچە بالىلىرى بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالغان بالىلاردا قانداقمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يېتىلسۇن؟
بالىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كىرىۋېلىش، زىيادە كۆيۈنۈش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر. شۇڭا بالىلارغا ئازادە ۋە ساغلام يېتىلىش بوشلۇقى قالدۇرۇشىمىز ۋە ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك، ئۇلار مانا شۇ بوشلۇقتا ئەركىن- ئازادە چوڭ بولسۇن!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى