قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ كونىشەھەر رايونى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

2017-10-07 12:04:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ كونىشەھەر رايونى جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. كونىشەھەر رايونىدىكى چۈشەندۈرگۈچىلەر ئەڭ ئالدىراش كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. ئەمدى چۈشەندۈرگۈچى مۇختەبەر تۇرسۇننىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
كونىشەھەردىكى بىر كۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاختى سائەت 8 يېرىمدىكى شەھەر ئېچىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىدۇ. ساياھەتچىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، يان تېلىفونلىرى بىلەن توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. مۇختەبەر تۇرسۇننىڭ بىر كۈنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەشرەپ بىلەن باشلاندى. سەھەرنىڭ شامىلى سەل سوغۇق بولسىمۇ، مۇختەبەر تۇرسۇن كالتە يەڭلىك فورما كىيىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى.
ئۇسسۇل ئويناپ بولغاندىن كېيىن، مۇختەبەر تۇرسۇن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى سېلىۋېتىپ، تەنھەرىكەت ئايىغىنى كىيىۋالدى. بۇ چاغدا مۇخبىر ئۇنىڭ پۇتىنى ئاياغ غاجىۋەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇ بىر قانچە كۈندە كۆپ يول ماڭغانلىقتىن شۇنداق بولغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇختەبەر تۇرسۇن تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 نەچچە ساياھەتچىنى باشلاپ، كونىشەھەرنى ئايلاندۇردى. ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر بىر سوئالىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. ساياھەتچىلەر كونىشەھەردىكى سىرلىق سارايغا ئوخشاش ئىمارەتلەرگە قىزىققاندا، مۇختەبەر تۇرسۇن كۆپچىلككە قاناق قىلغاندا كونىشەھەردە ئېزىپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەردىكى خىشقا قارىساق بولىدۇ. ئەگەر خىشلار يانتۇ يېيىتىلغان بولسا، ئالدى تەرەپتە يول بارلىقىنى، توغرىسىغا يېيىتىلغان بولسا، ئالدى تەرەپنىڭ خالتا كوچا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇخبىر كەسپىي چۈشەندۈرگۈچى بولغان مۇختەبەر تۇرسۇننىڭ چۈشەندۈرۈشتىن سىرت، ساياھەتچىلەر مال سېتىۋالغاندا، يەنە تەرجىمان بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بىراق مۇختەبەر تۇرسۇننىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان ئىشى يەنىلا ساياھەتچىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر كۈندە 100 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتكە چۈشىمەن. مەن ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئامراق، ئۇلارمۇ بىزگە بەك ئامراق.
مۇختەبەر تۇرسۇننىڭ ئاۋازى مىكروفوندىن سەل بوغۇق چىقىۋاتاتتى. بىر ساياھەتچى ئۇنىڭغا سۇ بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: چۈشەندۈرۈش جەريانىدا سۇ ئىچىش ئەدەبسىزلىك بولىدۇ. زۇكام بولغاچقا، گېلىم ئاغرىپ، سەل قىزىپ چارچاپ قاپتىمەن. لېكىن كەيپىياتىم ياخشى، ساياھەتچىلەر خۇش بولسا مەنمۇ خۇش بولىمەن.
تۇنجى تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى باشلاپ، كونىشەھەرنى ئايلىنىپ بولغۇچە 3 سائەت ئۆتۈپ كەتكەنىدى. دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، كونىشەھەر رايونىدىكى ساياھەتچىلەر ئادەتتىكىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولۇپ، مۇختەبەر تۇرسۇن ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 4 تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى ئايلاندۇراتتى. بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاياغلاشقاندا، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەنىدى.
مۇختەبەر تۇرسۇن گەرچە بايرامدا بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىزچىل ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئايلىنىش ئاخىرلاشقاندا، ساياھەتچىلەر بىلەن قىزغىن خوشلىشاتتى. ئۇ بۇ خىزمىتىنى ئىنتايىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ-ياشنىشىغا، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

تەرجىمان: نازىم 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى