قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؟

2017-10-06 15:24:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىرىنچىدىن، بالىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ يېڭى بىلىمنى دەرھال ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى بالىلارنىڭ ئىنكاسى ئاستاراق بولىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، بالىلارنى رىغبەتلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىپ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە زورلايدۇ. مېنىڭچە بۇنداق ئۇسۇل بالىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بالىلار ئىلھامغا موھتاج، ئۇلار ئاتا -ئانىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىنى، ئىلھام بېرىشىنى كۈتىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئاتا- ئانىلار مەسئۇلىيەتچانراق بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ھەر ۋاقىت يېتەكچىلىك قىلسا ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرسا، ئوقۇشقا ئەمدىلا قەدەم قويغان بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ ناچار ئۆگىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلار ئۆگىنىش داۋامىدا ئۇششاق ھەرىكەت قىلىپ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان، يېتىپ كىتاب ئوقۇيدىغان... ناچار ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى ئاسانلا يۇقتۇرۇۋالىدۇ. ئاتا - ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنىڭ بۇنداق ناچار ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىشى، ئۇلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
يىغىنچاقلىغاندا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا باشلىشى، بالىلار بىلەن ئورتاق ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۇزاق بىر جەريان. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تولۇق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەمدەمدە بولۇشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى