ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشى كېلىن بولۇش ئۇنچە تەس ئەمەس

2017-10-05 19:28:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مارجانگۈل رېشىت


مەن ئىلگىرى خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ، ئۆزەمدىن چوڭ ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلەردىن قېيىنئانا- كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تولىمۇ ئىنچىكە، نازۇك بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر سەللا دىققەت قىلمىسا ئۆزىگە ئازاپ تېپىۋالىدىغانلىقىنى  ئاڭلىغانىدىم. 1996- يىلى توي قىلىپ ئاتا- ئانامنىڭ ئەركە قىزىدىن  باشقا بىر ئائىلىنىڭ كېلىنى يەنى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇرەككەپ دەپ قارىلىدىغان تۇرمۇش چەمبىرىكىگە قەدەم قويدۇم. سۇغا كىرمىگىچە سۇنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلگىلى بولمىغاندەك،  تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مۇناسىۋەتنى چۈشەنگىلى بولىدىكەن. مەن توي قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى. بۇ يېڭى ئائىلىدىكىلەر دوستلۇرۇمنى چاقىرىپ ماڭا كۆڭۈللۈك تۇغۇلغان كۈن سورۇنى ھازىرلاپ بەردى. شۇ يىللاردا يېزىلاردا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئانچە ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ، شۇ كۈندىكى قېيىنئانا- قېيىنئاتامنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ھۆرمىتى تا ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مېنىڭ تۇرمۇشۇم مانا مۇشۇنداق باشلانغان، ئەمما تۇرمۇش بولغانىكەن، ئانداق- مۇنداق سۈركۈلۈش ۋە زىدىيەتلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدىكەن. مەن نىكاھلىق تۇرمۇش جەريانىدا ئائىلىدىكى زىدىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاساسلىقى كېلىن بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقى ھىس قىلىپ بۇلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاپامنىڭ كېىنلىك بۇرچىنى قانداق ئادا قىلغانلىقىنى ئۆزۈمگە ئەينەك قىلدىم.
مەن كىچىكىمدە دادامنىڭ ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. مومامنىڭ ھەمىشە كۆز ئالدىمدىلا ئاپامنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا بىئاراملىق ھىس قىلساممۇ ئاپامغا ئېيتمايتتىم. مومام ئاپامغا بولغان نارازىلىقىنى دائىم ئىپادىلەپ قوياتتى. ئاپام مومامنىڭ دوق قىلىشلىرىنى، ئورۇنسىز رەنجىشلىرىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ، ئۈن- تۈنسىز كېلىنلىك، يەنى بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىۋېرەتتى. مومام يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئاپامنىڭ مومامغا قىلغان ئۈن- تۈنسىز خىزمىتى ئاخىرى مومامنى تەسىرلەندۈرۈپ مومامنىڭ كۆزلىرىدىن خىجىللىق، پۇشايمان ياشلىرىنى ئەگىتكەنىدى. مەن بۇنىڭدىن پەقەت ۋاقىت، سەۋرىچانلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ،ئۆزەمنىڭ كېلىنلىك  مەجبۇرىيىتمىنى  ياخشى ئادا قىلىش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى.
ھازىر ئائىلىمىزدە ئۈچ ئەۋلاد بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بولساقمۇ، ھەممىمىز ئىزچىل ئىناق، ئۆزئارا كۈيىنىش، ئىناقلىقتا باشقىلار ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۆينىڭ ھەممە يېرىدىن خوشاللىق ۋە بەخت شاتلىقى  جۇلالىلىنىپ تۇرىدىغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىلدى.  ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىشتا ياخشى ئاتا، ياخشى ئانا بولۇش بىلەن بىرگە،  ياخشى پەرزەنت، ياخشى كېلىن بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. قېيىنئانام، قېيىنئاتامنىڭ مېنى يېقىندىن قوللىشى بىلەن  تىرىشىپ ئىشلەپ خىزمەت ئورنۇمدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم. ئۆي ئىچىدىكى ئىشلاردا قېيىنئانامنىڭ ياردىمىدە ھازىرقىدەك گۈزەل ئائىلە مۇھىتىنى بىرلىكتە ياراتتۇق.
مەن كېلىن بولغاندىن بۇيان، قېيىنئانا- قېيىنئاتامغا ئىزچىل ئۆز ئاتا- ئانامغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم، مەن بۇ ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگەن كۈندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە مەيلى ئۇلار بار يەردە ياكى ئۇلارنىڭ ئارقىدا بولسۇن ئۇلارنى ئىزچىل ئاتا، ئاپا دەپلا ئاتاپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك، ئارام ئېلىش ئادەتلىرىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلدىم، ئائىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان زىدىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بەردىم. بىر قېتىم قېيىنئانام دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا بىر ئىشتا مەندىن سەل نارازى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دوستۇمدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تولىمۇ بىئارام بولدۇم ۋە مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ، قېيىنئانام بىلەن سىردىشىپ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگەتتىم.
يولدىشىمنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆردۈم. ئۇلارغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت كۆڭلى- كۆكسۈمنى كەڭ تۇتۇپ، ئائىلە ئىشلىرىدا بەس سالماي، ئۆز ئارا يول قويۇش ئاساسىدا ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتتۈم. ئائىلىدىكى ئىشلاردا مەسىلىلەرنى ھەق- ناھەق، توغرا -خاتا دەپ ئىنچىكىلەپ كەتمىدىم. چۈنكى،ئائىلىدە ئۇنداق- مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ توغرا- خاتاسىنى ئايرىيمەن دىسە زىدىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ  كېتىدۇ. شۇڭا كەڭ قورساق، ئەپۇچانلىق بىلەن ئىشلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشتىم.
مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇش  ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور ئالىجاناپلىقتۇر. بىر يازغۇچى «مەيلى كىم بىلەن زىدىيەتلىشىپ قېلىڭ، سىزنىڭ  پوزىتسىيىڭىز سىزنىڭ مۇناسىۋىتىڭىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ. سەمىمىي، كەڭ قورساق  پوزىتسىيە مەڭگۈلۈك تونۇشتۇرۇش خېتى» دېگەن ئىدى. كېلىن بولغۇچى ئۆزىدىكى كېلىنلىك بۇرچىنى ئادا قىلالىسا، شۇ ئائىلىگە نىسبەتەن ئىلمىي قاراشنى تىكلىسە، ئالدىنقىلارنىڭ ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى، ئۆرنەكلىرىنى ئۆز تۇرمنۇشىغا  تەدبىقلىسا، ئورۇنسىز زىدىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئائىلە بەختىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۆزەمنىڭ كېلىنلىك ھاياتىمدا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك ماكاننى ماڭا بەخت ئاتا قىلغۇچى مەنىۋىي يۆلەك بولدى، مەن بۇ بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئائىلىدىكىلەرگە چامىمنىڭ يېتىشىچە بەخت ئاتا قىلىشىم زۆرۈر دەپ قارىدىم، ئەمەلىي ئىشلىرىمدا ئۆزۈمدىكى ئەقىل-پاراسەتنى بۇ كىچىك ۋەتەننىڭ بەختى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەختلىك ھىس قىلىمەن.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى