قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017-10-04 18:38:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىغا:
  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغان پەيتتە، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيەمىز قۇرغان تۇنجى يېڭىچە مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى باشتىن- ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردى، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇردى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەنلىرى ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
  ھازىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ جىددىي بولۇۋاتىدۇ، پەن- تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىمىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئالىي مەكتەپنى ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى تەسىس قىلىپ، ئېلىمىز ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
                شى جىنپىڭ
                2017- يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنى
            (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 3- كۈنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيەمىز قۇرغان تۇنجى يېڭىچە مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى باشتىن- ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردى، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇردى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇردى، روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەنلىرى ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ جىددىي بولۇۋاتىدۇ، پەن- تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئالىي مەكتەپنى ياخشى قۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى تەسىس قىلىپ، ئېلىمىز ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، خەلق ئۈچۈن مەكتەپ قۇرۇش، بىلىم ئېلىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەرنى تەسىس قىلىش مۇساپىسىگە پۇختا قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.
  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەسلىي گەۋدىسى 1937- يىلى قۇرۇلغان شىمالىي شەنشى ھۆكۈمەت مەكتىپى، شۇنداقلا كېيىنكى شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىمالىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، 1950- يىل 10- ئاينىڭ 3- كۈنى شىمالىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىدا بىرلەشتۈرۈپ تەشكىل قىلىنغان، ئۇزاق مەزگىللىك مەكتەپ قۇرۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەنلىرى ئالىي مائارىپى ۋە ماركسىزملىق ئوقۇتۇش − تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئېلىمىزنىڭ ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەنلىرى ئالىي مائارىپى ساھەسىدىكى بايراقدار» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.
 
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى