قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى ياخشىلاشنى ئاددىيدىن باشلاڭ

2017-10-04 13:57:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاتلىق چاي دەملەپ ئىچىمەڭ. قەنت ناۋات سېلىپ دەملەنگەن چاينىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ ئارتۇق. 300 مىللىلىتىرلىق چاينىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 150 كالورىيە بولۇپ، يېرىم قاچا تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
تاتلىق ئىچىملىك ئىچمەڭ. شەربەت، بوتۇلكىلىق چاي قاتارلىقلاردا ئادەتتە ئوزۇقلۇق ماددىسى بولمايدۇ. لېكىن، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بۇنداق تاتلىق ئىچىملىكنى بالىلارغا بەرمەسلىك، بۇ ئىچىملىك ئورنىغا قايناق سۇ ۋە ساپ شەربەت بېرىپ بالىلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ناترىي مىقدارى كۆپ بولۇپ، يەنە بەزىلىرىگە ياغ ۋە نىتروئۇس كىسلاتا تۈرىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى قوشۇلىدىكەن. چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى بىرىكمە بوغما ئۈچەي راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ تۈردىكى يېمەكلىكىنى بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك.
سۈتلۈك يېمەكلىكلەر. سۈتلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالىتسىي، ۋىتامىن B12 ۋە رىبوفلاۋىن بار بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپ مىقداردا ياغ ۋە خولېستېرىن بار. ناۋادا بالىلار بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالدۇر يېتىلىش، سەمرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ماروژنى. ماروژنى يۇقىرى كالورىيەلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، بالىلارنى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.
قىيام قىلىنغان يېمەكلىك. توڭلاتقۇدا ساقلانغان قايماق سالات قىيامى، تۇخۇم سېرىقى قىيامى، ئىرىمچىك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ئىسسىقلىق مىقدارى 120 كالورىيەگە يېتىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا ئاز بېرىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى