قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈزدە كىيىنگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر

2017-10-03 19:24:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىيىم كىيىشتە كىيىم پاسونى، سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، رەڭگىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۈزدە تېمپېراتورا تۆۋەنلەپ ھاۋا سوۋۇيدۇ. ئەمما كىيىمنىڭ رەڭگىنى ياخشى تاللاپ كىيسەك بۇمۇ كۈز پەسلىنىڭ مەنزىرىسىگە تۈس قوشۇپلا قالماي، ئادەم بەدىنىنى ئىللىتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنى، مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنىڭ ھەرىكىتى ۋە نەپەسلىنىش چاستۇتىسىنى جانلاندۇرىدىكەن.
ئاپېلسىن رەڭ ئىشتىھانى ئېچىپ چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. سېرىق رەڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. يۈرەك، مېڭە قان تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كۈزدە خىمىيەلىك تالادىن توقۇلغان كىىيملەرنى ئاز كىيگەن ياخشى. چۈنكى كۈزدە ھاۋا قۇرغاق، شامال كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بەدەنگە بىۋاستە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قوي يۇڭىدىن توقۇلغان ياكى خىمىيەلىك تالادىن توقۇلغان كىيىملەرنى كىيمىگەن ياخشى. بۇنداق بولمىغاندا بۇ خىلدىكى كىيىملەر بەدەننى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈزدە ئاسان زەرەتلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى پاختا توقۇلمىلىق كىيىملەرنى، بەك تار بولمىغان ئازادىرەك كىيىملەرنى كىيگەن ياخشى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى