قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توخۇ گۆشى ۋە توخو شورپىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە

2017-10-03 19:01:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

توخۇ گۆشى يەڭگىل، سىڭىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، يېڭى قان پەيدا قىلىش، قەۋزىيەتنى ياخشىلاش، مېڭە، يۈرەك، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە .
توخۇ گۆشى قان بېسىمى ۋە قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بەكمۇ مۇۋاپىق. توخو شورپىسى چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ . سەۋدا خىلىتنى چىقىرىدۇ.
ماغدۇرسىزلىقنى، ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالايدۇ . چۈجە خوراز گۆشى ئىسسىق مىزاجلىق ئاغرىقلارنىڭ يېيىشىگە مۇۋاپىق. چۈجە مېكىيان گۆشى قۇۋۋەتلىكرەك بولۇپ سەمرىتىدۇ.
توخۇ شورپىسى قانچىكى ئۇزاق قاينىتىلسا ، قويۇق ئازوت چۆكۈندى ماددىلىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ ھەمدە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىش رولىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ كەتكەن، ئىشتىھاسى تۇتۇلغان ئاغرىقلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن شىپالىق دورا بولالايدۇ .بىراق توخۇ شورپىسىدىكى ئازوت چۆكۈندى ماددىلار يۈرەك، جىگەر، بۆرەكنىڭ ھەرىكەتلىنىش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.  شۇڭا يۈرەك، جىگەر ، بۆرەك كېسىلى بار كىشلەر توخۇ شورپىسىنى ئاز ئىچكىنى تۈزۈك. توخۇ شورپىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۈچەيتىدۇ. توخۇ گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى توخۇ شورپىسىنىڭكىدىن كۆپ ۋە ياخشى بولىدۇ .

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى