قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

"بېيجىڭ- شاڭخەي غول لىنىيەسى» 9- ئاينىڭ 29- كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ، «موزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى

2017-10-01 13:31:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۇنيادىكى تۇنجى كۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىش غول لىنىيىسى- "بېيجىڭ- شاڭخەي غول لىنىيەسى» 9- ئاينىڭ 29- كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ، «موزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى، جۇڭگو ئالىملىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئاۋىستىرىيە بىلەن دۇنيادا تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا كۋانت مەخپىي ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ جۇڭگونىڭ ئاسمان بىلەن يەر يۈزى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەڭ دائىرىلىك كۋانت خەۋەرلىشىش تورىنىڭ مودىلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، «بېيجىڭ- شاڭخەي غول لىنىيەسى»نىڭ لىنيە مەخپىي ئاچقۇچ نىسبىتى 20 كىلوبىت/ سېكۇنتتىن يۇقىرى بۇلۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدارغا شىفىرلىق ئاچقۇچ تارقىتىش كەسىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جىنەن، خېفېي، ئۈرۈمچى نەنسەن يەر يۈزى پونكىتى ۋە ئاۋسترىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت 6 نۇقتا ئارىسىدىكى قىتئەلەر ئارا خەۋەرلىشىش كۆرۈنمە چاستوتا يىغىنىنى ئېچىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى