قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى

2017-09-10 19:59:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 149 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى 81.45%كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 80 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس)قا 68 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن 183 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار 5 قېتىم ھەر قايسى تۈركۈملەر بويىچە ئورۇندالمىغان پىلانلارغا توردا تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرغان. بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، نومۇر چېكىنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىن باشقا، قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئارزۇنى ئۆزگەرتىش)ىغا يول قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان.

  ئۇقۇشىمچە، ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 9- ئاينىڭ 27- كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى) سائەت 8دىن سائەت 20 گىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. بۇ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدىكەن. 9- ئاينىڭ 28- ، 29- كۈنلىرى ئارخىپ چىقىرىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى